ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

WC _ ئامېرىكا كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى !

2010-يىلى06-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ دەسلەپكى 2 مەيدان 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن كەچجەنۇبىيئافرىقىنىڭئېلزابېت پورتى ۋە لېستىنبۇرگ شەھىرىدە كەينى-كەينىدىن باشلاندى . ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇرۇگۋاي ۋە گانا كوماندىلىرى ئوخشاشلا 2-1 نومۇر بىلەن كورىيە ۋە
  

6月26日,美国队球员德梅里特(右)赛后向观众鼓掌致意。当日,在南非勒斯滕堡举行的世界杯足球赛八分之一决赛中,美国队以1比2负于加纳队,无缘八强。新华社记者王毓国摄

2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ دەسلەپكى 2 مەيدان 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن كەچ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېلزابېت پورتى ۋە لېستىنبۇرگ شەھىرىدە كەينى-كەينىدىن باشلاندى . ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇرۇگۋاي ۋە گانا كوماندىلىرى ئوخشاشلا 2-1 نومۇر بىلەن كورىيە ۋە ئامېرىكا كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى .

ئۇرۇگۋاي كوماندىسى A گۇرۇپپىدىن 1-بولۇپ چىققان بولۇپ ، ئاساسلىق ھۇجۇمچى سۇئارېسنىڭ 2 توپ كىرگۈزۈشى بىلەن 2-1 نەتىجىدە B گۇرۇپپىدىن 2-بولۇپ چىققان كورىيە كوماندىسىنى شاللىۋەتتى ھەمدە 40 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى .

ئامېرىكا كوماندىسى بولسا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا گۇرۇپپىدىن چىقالىغان بىردىنبىر ئافرىقا ۋەكىلى بولغان گانا كوماندىسى بىلەن 90 مىنۇت ئىچىدە 1-1 تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ ، ئۇزارتىلغان ۋاقىتنىڭ 3-مىنۇتىدا گانا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى جىئەن ھالقىلىق بىر توپ ئۇرۇپ ئاخىرى ئامېرىكا كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ ، تارىختا تۇنجى قېتىم 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى .

2010年6月26日,南非勒斯腾堡,2010世界杯1/8决赛,美国Vs加纳,科比-布莱恩特亮相球场。

بۇ مۇسابىقىنى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كلىنتون ۋە داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى كوبى براينت قاتارلىقلار نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرگەن بولۇپ ، كانادا تورونتودا 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان زۇڭتۇڭ ئوباما تېلىۋېزوردىن بىۋاستە ئاڭلىتىشىنى كۆرگەندىن كېيىن ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ شاللىنىپ كەتكەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!