26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زەھەر چەكلەش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى . تيەنجىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋە زەھەر چەكلەش كومىتېتى 26-ئىيۇن شەھەرلىك سۇ ئۈستى باغچىسىدا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قولغا چۈشۈرۈلگەن 30 كىلوگرامدىن ئارتۇق زەھەرنى ئاشكارە كۆيدۈرىۋەتتى .
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتى 2005-يىلىدىن بۇيان جامائەت خاۋپسىزلىك ۋە چېگرا مۇداپىئە ئورگانلىرى قولغا چۈشۈرگەن 6.46 كىلوگرام خروئىن ، 360 كىلوگرامدىن ئارتۇق نەشە ۋە باشقا ھەرخىل زەھەرلىك بويۇملارنى ئاشكارە كۆيدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى .