5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىكى جىنيۆ رېستورانىدا توي زىياپىتىگە قاتناشقان 30 نەچچە ئادەم يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز بىئارام بولۇپ ئىچى سۈرۈپ قىزىش ، ياندۇرۇش ھەتتا قان قۇسۇش قاتارلىق غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن ، شەھەرلىك 2-دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ كوللېكتىپ تەكشۈرتۈلگەن ھەمدە يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان . نۆۋەتتە بىمارلارنىڭ بەدەن ئەھۋالى بىر قەدەر تۇراقلاشقان بولۇپ ، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سەھىيە تارماقلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن رېستۇرانغا يېتىپ بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى ھەمدە تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇدى .