26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى ھارپىسىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتىغا ئالاقىدار كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى . 24-ئىيۇن ۋۇخەن شەھەرلىك مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ ، يۈزگە يېقىن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما ۋە ئوقۇغۇچى ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئېكىسكۇرسىيىگە تەكلىپ قىلدى ھەم ئۇلارغا زەھەر چەكلەشكە ئائىت تەشۋىقات-تەربىيىسى ئېلىپ باردى . زەھەر تاشلاش ئورنىدا تەربىيىلىنىۋاتقان ياشلار يەنە ئۆزلىرى تەييارلىغان مول مەزمۇنلۇق نومۇرلارنى ئورۇنداپ ، زەھەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ يېڭىچە روھىي قىياپتىنى نامايەن قىلدى .