![图文-[小组赛]英格兰0-0阿尔及利亚灵活大竹竿](../../../../uploads/allimg/100620/0223224333-0.jpg)
دۇنيا لوڭقىسى C گۇرۇپپىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن كەچ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېيپتون شەھىرىدىكى يېشىللىق توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى . ئېنگىلاند كوماندىسى 0-0 نەتىجىدە ئالجىرىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ ، ئالدىنقى 2 مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇدا تەڭلىشىپ ئاران 2 نومۇر ئالدى . ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار سىلوۋېنىيە كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ ، قارشى تەرەپ ئالدىنقى 2 مەيدان مۇسابىقىدە بىر ئۇتۇپ بىر تەڭلىشىپ 4 نومۇر ئالغان .
![图文-[小组赛]斯洛文尼亚2-2美国无比振奋](../../../../uploads/allimg/100620/022322NI-1.jpg)
C گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئامېرىكا كوماندىسى 0-2 كەينىدە قالغان شارائىتتا كەينى-كەينىدىن 2 توپ ئۇرۇپ 2-2 نەتىجىدە سلوۋېنىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى . ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى بوب بىرادلىنىڭ ئوغلى مايكىل بىرادلىي ئاخىرقى پەيتتە ھالقىلىق بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى . ئامېرىكا كوماندىسىمۇ ئېنگىلاند كوماندىسىغا ئوخشاش ئالدىنقى 2 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا تەڭلىشىپ 2 نومۇر ئالدى .
![图文-[小组赛]英格兰0-0阿尔及利亚鲁尼全场表现平庸](../../../../uploads/allimg/100620/022322H62-2.jpg)
![图文-[小组赛]斯洛文尼亚2-2美国多诺万被严盯](../../../../uploads/allimg/100620/0223225934-3.jpg)
![图文-[小组赛]英格兰VS阿尔及利亚约翰逊防守对方](../../../../uploads/allimg/100620/022322OS-4.jpg)
![图文-[小组赛]斯洛文尼亚VS美国布拉德利摆脱防守](../../../../uploads/allimg/100620/022322FY-5.jpg)























