![图文-[小组赛]西班牙0-1瑞士托雷斯替补登场](../../../../uploads/allimg/100617/1619522102-0.jpg)
2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 1-ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن كەچ تولۇق ئاياغلاشتى . دۇربان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن H گۇرۇپپىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونى ئىسپانىيە 0-1 نەتىجىدە شىۋىتسارىيىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئويلىمىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
![图文-[小组赛]西班牙0-1瑞士差点再失一球](../../../../uploads/allimg/100617/161952C00-1.jpg)
مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسى ئىزچىل ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇپ قارشى تەرەپ ۋارىتارىغا 20 قېتىمدىن ئارتۇق توپ ئۇرغان بولسىمۇ نومۇرغا ئېرىشەلمىدى . ئەكسىچە شىۋىتسارىيە بىر قېتىملىق ئۈنۈملۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا تايىنىپلا ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى گېلسون فېرناندىس ھالقىلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ كوماندىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى . H گۇرۇپپىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە چىلى كوماندىسى ئوخشاشلا 1-0 نەتىجە بىلەن ھوندۇراس كوماندىسىنى يېڭىپ 3 نومۇرغا ئېرىشىپ شىۋىتسارىيە بىلەن تەڭ گۇرۇپپىدا 1-ئورۇننى ۋاقىتلىق ئىگىلىدى .
![图文-[小组赛]西班牙0-1瑞士皮克谨慎防守](../../../../uploads/allimg/100617/1619524493-2.jpg)
![图文-[小组赛]西班牙0-1瑞士贝纳利奥神了](../../../../uploads/allimg/100617/1619524X0-3.jpg)
![图文-[小组赛]西班牙0-1瑞士老帅挺潇洒](../../../../uploads/allimg/100617/1619523028-4.jpg)
![图文-[小组赛]西班牙0-1瑞士托雷斯离开球场](../../../../uploads/allimg/100617/161952KB-5.jpg)



















