
2009~2010-يىللىق لى نىڭ جوڭگو ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 16-چېسلا شېنياڭ سانائەت ئۇنۋېرسىتېتىدا ئاخىرلاشتى.شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى كوماندىسى تەييۈەن پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى.تەييۈەن پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئىككىنچى،شېنياڭ سانائەت ئۇنۋېرسىتېتى ئۈچىنچى بولدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تەييۈەن پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى بىر توپ ئۇرۇپ 1-0نەتىجە بىلەن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى .ئىككى مىنۇتتىن كېيىنلا كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ ناھايىتى تىزلا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.كىيىنكى مەيداندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2-1قىلدى،كېيىن تەييۈەن پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى ھەر قانچە تىرىشقان بولسىمۇ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇستەھكەم ئارقا سېپىنى بۆسۈپ ئۆتەلمەي يېڭىلىپ قالدى.جوڭگو ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە بېرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى ۋاڭ گاڭ، لىيانىڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاڭ جىيەن خۇا،شېنياڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۈ شىڭ جىيا،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ،شېنياڭ سانائەت ئۇنۋېرسىتېتى، شىئەن مالىيە ئىقتىساد ئېنىستىتوتى قاتارلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى مۇسابىقىنى كۆردى.

چېمپىيون----شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى
ئىككىنچى-----تەييۈەن پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى
ئۈچىنچى----شېنياڭ سانائەت ئۇنۋېرسىتېتى
تۆتىنچى----شىئەن مالىيە ئىقتىساد ئېنىستىتوتى
بەشىنچى----خېخەي ئۇنۋېرسىتېتى
ئالتىنچى----شېنجىن ئۇنۋېرسىتېتى
يەتتىنچى----شى جىيا جۇاڭ ئىقتىساد ئېنىستىتوتى
سەككىزىنچى----يەن بىيەن ئۇنۋېرسىتېتى
تەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتى------شېنياڭ سانائەت ئۇنۋېرسىتېتى،يەن بىيەن ئۇنۋېرسىتېتى،شېنجىن ئۇنۋېرسىتېتى،بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنۋېرسىتېتى
مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى------شېنياڭ سانائەت ئۇنۋېرسىتېتى
بىرلەشمە مۇسابىقە تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى------لى نىڭ (جوڭگو)تەنتەربىيە بويۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنەركەتچى------شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدىن 24-نومۇر پەرھات
ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۆگەتكۈچى------شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدىن غەيرەت
ئەڭ مۇنەۋۋەر توپ ئۇرغۇچى--------شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدىن 10-نومۇر ئەسقەر
ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتا------- شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدىن 22-نومۇر ناسىرۇللا
ئەڭ مۇنەۋۋەر سەيپەن-------ۋاڭ جىڭ
جوڭگو ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى راۋاجلانغىنىغا 10يىل بولدى، لى نىڭ جوڭگو ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 2006-يىلدىن باشلانغان بولۇپ جوڭگو ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ماھىرلارنىڭ تېخنىكىسى ئەڭ يوقىرى،تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان مۇسابىقە بولۇپ،جوڭگو پۇتبول بىرلەشمىسى، جوڭگو مائارىپ بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان چوڭ كۆلەملىك مۇسابىقە ھىسابلىنىدۇ.
مەنبە----- http://www.sports.edu.cn/news/dtx_list/2010/0616/1705.html