ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشەنگە قاراتقان سىياسي جازاسىنى بىر يىل ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىدى

2010-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە: تەھرىر: مەمەتجان ئابدۇۋەلى چېكىلىشى:قىتىم
(قستۇرما رەسىم) شىنخۇا تورى 6-15- كۈنى ۋاشىنگىتوندىن كەلگەن تېلگىراممىسى.ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما 15-چىسلا چاۋشەنگە قاراتقان مەملىكەت خارەكتىرلىك جىددى ھالەت يۈرگۈزۈشنى بىر يىل ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكالاپ، بۇ ئارقىلىق چاۋشەننىڭ يادرو كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىن
  

(قستۇرما رەسىم)

شىنخۇا تورى 6-15- كۈنى ۋاشىنگىتوندىن كەلگەن تېلگىراممىسى.ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما 15-چىسلا چاۋشەنگە قاراتقان "مەملىكەت خارەكتىرلىك جىددى ھالەت يۈرگۈزۈش"نى بىر يىل ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكالاپ، بۇ ئارقىلىق چاۋشەننىڭ يادرو كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە بولغان خىرسىغا "ئىنكاس"قايتۇردى.بۇ ئامېرىكىنىڭ چاۋشەنگە قاراتقان جازالاش تەدبىرىنىڭ يەنە بىر يىل داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوباما مۇنداق دېدى،چاۋشەن يېرىم ئارىلىدا يادرو قورالى ياسايدىغان ماتىرىياللار بار ھەم كېڭىيىش خەۋىپى بار، بۇ ئامېرىكىنىڭ  دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە "ئادەتتىن تاشقىرى ۋە ئالاھىدە" تەھدىت كۆرسىتىدۇ،شۇڭا چاۋشەنگە قاراتقان "مەملىكەت خارەكتىرلىك جىددى ھالەت يۈرگۈزۈش"نى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى  بۇ يىل 6-26-كۈندىن باشلاپ يەنە بىر يىل يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار.

ئوباما ئامېرىكا پارلامېنتىغا بۇ قارارنى دوكلات قىلدى ."مەملىكەت خارەكتىرلىك جىددى ھالەت يۈرگۈزۈش"مەزگىلىدە،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چاۋشەنگە بىر قاتار جازالاش تەدبېرىنى قوللانسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا،ئوباما ھۆكۈمىتى ئوچۇق ھالدا ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1874- نومۇرلۇق قارارىدىكى چاۋشەنگە قاراتقان جازالاش تەدبېرىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ،ھەمدە مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ بۇ سىياسەتنى ئەمىلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بۈلدۈردى.

ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشنىڭ 1874-نومۇرلۇق قارارىدا چاۋشەننىڭ بۇلتۇر 5-25-كۈنى يەر ئاستىدا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىغا"ئەڭ قاتتىق ئەيىپلەش"دىغانلىقىنى بۈلدۈرگەن ،ۋە چاۋشەن ھۆكۈمىتىدىن يەنە داۋاملىق يادرو سىنىقى ۋە تىرايوكتېرىيەلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىنىقى ئېلىپ بارماسلىقنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە چاۋشەننىڭ قورال-ياراق ئىمپورت-ئىكىسپورتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، چاۋشەن پاراخوتلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ،چەتئەل مەبلىغىنىڭ چاۋشەنگە كىرىشىنىڭ توختىتىدىغەنلىقىنى بۈلدۈرگەن ئىدى. 

مەنبە؛    http://news.sina.com.cn/w/2010-06-16/114820484633.shtml

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!