گېرمانىيە ئەينەك ژۇرنىلىنىڭ 23-ماي خەۋەر قىلىشىچە ، يېقىندا ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان بۇقا ئوينىتىش مۇسابىقىسىدە داڭلىق تورىئادور جۇلىئو ئاپالسىئو بۇقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان . ئويۇن جەريانىدا بۇقىنىڭ ئۇچلۇق مۈڭگۈزى ئۇنىڭ ئېڭىكىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىن كىرىپ كېتىپ ئېغىزىدىن تېشىپ چىققان بولۇپ ، خىزمەتچى خادىملار مىڭ تەسلىكتە جۇلىئونى بۇقىنى مۈڭگۈزىدىن ئاجرىتىپ چىققاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ نەچچە سائەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش نەتىجىسىدە ئاندىن خەۋەردىن قۇتۇلغان .
نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بۇ ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن .