19-ئىيۇن شىۋىتسىيە پايتەختى ستوكھولىمدىكى پراۋېسلاۋىيە چېركاۋى ۋە خان سارىيىدا مەلىكە ھەم ۋەلىئەھدى ۋېكتورىيە بىلەن ئۇنىڭ لايىقى ۋېستىرلىننىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . شىۋىتسىيە پادىشاھى كارل گۇستاف قىزىنىڭ توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى .
مەلىكە ۋېكتورىيە بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، شىۋىتسىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ۋەلىئەھدى (تەخت ۋارىسى) . ئۇنىڭ بولغۇسى ئېرى بۇ يىل 36 كىرگەن ۋېستىرلىن بولسا ئۇنىڭ شەخسىي ساغلاملىق يېتەكچىسى بولۇپ ، ئىككىيلەن 2002-يىلىدىن باشلاپ تونۇشۇپ مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان .