![图文-[小组赛]法国0-2墨西哥布兰科顶住巨大压力](../../../../uploads/allimg/100618/1436052012-0.jpg)
2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى تۈنۈگۈن كەچ كەينى-كەينىدىن باشلاندى . A گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان ھالقىلىق مۇسابىقىدە مېكسىكا كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە فرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ گۇرۇپپىدىن چىقىشتىكى ئەۋزەل شارائىتنى قولغا كەلتۈردى ، فرانسىيە بولسا ئالدىنقى 2 مەيدان مۇسابىقىدە بىر تەڭلىشىپ بىر ئۇتتۇرۇپ گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە .
![图文-[小组赛]法国0-2墨西哥技术无比出众](../../../../uploads/allimg/100618/1436054105-1.jpg)
مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا ھەر ئىككى تەرەپ ئاكتىپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ يەنىلا توپ كىرگۈزەلمىدى ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا مېكسىكا كوماندىسىنىڭ ياش ماھىرى خېرناندىس قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزدى ، ئارقىدىنلا يەنە بىر نۇقتا توپقا ئېرىشىپ نەتىجىنى 2-0 دە مۇقىملاشتۇردى .
![图文-[小组赛]法国0-2墨西哥布兰科锁定胜局入球](../../../../uploads/allimg/100618/143605HN-2.jpg)
مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ 1-ئايلانما مۇسابىقىسىدە تۆت كوماندا ئۆز-ئارا تەڭلىشىپ بىردىن نومۇر ئالغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ئۇرۇگۋاي كوماندىسى 2-ئايلانما مۇسابىقىدە ساھىبخان جەنۇبىي ئافرىقىنى 3-0 مەغلۇب قىلىپ مېكسىكا بىلەن تەڭ 4 نومۇر ئېلىپ بولدى . ئەگەر ئاخىرقى ئايلانمىدا بۇ ئىككى كوماندا ئۆز-ئارا تەڭلىشىۋالسىلا فرانسىيە جەنۇبىي ئافرىقىنى قانداق يېڭىشىدىن قەتئىينەزەر بەرھەق شاللىنىپ كېتىدۇ !
![图文-[小组赛]法国0-2墨西哥金杯离法国队远去](../../../../uploads/allimg/100618/1436051233-3.jpg)
![图文-[小组赛]法国0-2墨西哥埃弗拉十分沮丧](../../../../uploads/allimg/100618/1436055V1-4.jpg)
![图文-[小组赛]法国0-2墨西哥里贝里冲破夹击](../../../../uploads/allimg/100618/1436051916-5.jpg)
![图文-[小组赛]法国0-2墨西哥寻找队友接应](../../../../uploads/allimg/100618/1436054625-6.jpg)
![图文-[小组赛]法国VS墨西哥埃尔南德斯晃过门将](../../../../uploads/allimg/100618/1436054420-7.jpg)























