ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئاجايىباتلار>

1853-يىلى توغۇلغان 157ياشلىق ئايال بايقالدى

2010-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە: تەھرىر: مەمەتجان ئابدۇۋەلى چېكىلىشى:قىتىم
(1997-يىلى 122يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن فىرانسىيەلىك ئايال) يېقىنداھىندىنوزىيەدە نوپۇس ئىنىقلىنىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا 157ياشقا كىرگەنبىر ئايال بايقالدى. نوپۇس تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئايال راستىنلا 1853-يىلى توغۇلغان ئىكەن. سىتاتىستىكا بىروسىنىڭ
  

                                      

                            (1997-يىلى 122يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن فىرانسىيەلىك ئايال)

يېقىندا ھىندىنوزىيەدە نوپۇس ئىنىقلىنىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا 157ياشقا كىرگەن بىر ئايال بايقالدى.

نوپۇس تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئايال راستىنلا 1853-يىلى توغۇلغان ئىكەن.

 سىتاتىستىكا بىروسىنىڭ ئەزاسى جونى  سادجونو 6-7-كۈنى مۇنداق دېدى"ھازىرچە ئۇنىڭ دېگەنىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك ئىسپات يوق ،بىراق ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ۋە 108ياشقا كىرگەن بېقىۋالغان قىزىغا ئاساسەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن گۇمانلىنىشقا ئاساسىمىز يوق".

بىردىنبىر ھەقىقى  يېشى  ئسپاتلانغان  فىرانسىيەلىك ئايال جىنى كالمېنت 1997-يىلى 122يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئېيتىشىچە ئەڭ ھەيران قالارلىقى ئۇ ئايال تا ھازىرغىچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرىدىكەن ۋە ئۇدا تاماكا چېكىدىكەن (ئۇ چىكىدىغىنى CLOVE 丁香  تاماكىسى ئىكەن). ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن ھەم گوللاندىيە تىلىنى ناھايىتى راۋان سۆزلەيدىكەن(1945يىلنىڭ ئالدىدىكى يۈز نەچچە يىلغىچە ھىندىنوزىيە گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكە دۆلىتى ئىدى).

ئايالنىڭ ئىسمى تۇرىناخ بولۇپ 1965-يىلى ئۆزىنىڭ سالاھىتىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسى ئۆزگۈرۈشتىن قورقۇپ كۆيدۈرىۋەتكەن ئىكەن.

ھىندىنوزىيە دۇنيادىكى 4-نۇپۇسى كۆپ دۆلەت بولۇپ 240 مىليون ئەتراپىدا نوپۇسى بار. 

خەۋەر  مەنبە---   http://www.news24.com/World/News/Indonesia-census-Woman-aged-157-20100607

سۈرەت مەنبە---   http://news.yahoo.com/nphotos/Odd-News-Photos-jail-prisoner/ss/1600/im:/100608/photos_od_afp/1a264c9b77cd938fb6bc0d1ad264818e/#photoViewer=/100607/photos_od_afp/0817fa2f04f70b12b54e652799dcab5e

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!