سىچۈەن ئۆلكىسى لىنشۇي ناھىيىسىدىكى مەھەللە كادىرى ۋاڭ XX يېقىندا دوختۇرخانىدا ئاشقازان تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا نەق مەيداندىكى دوختۇر-سېسترالار ئالدىدا ئەينەك پروبىركىنى چايناپ يەۋېتىپ ھەممەيلەننى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى . ئىگىلىنىشىچە ۋاڭ XX نىڭ لامپۇچكا يەيدىغان غەلىتە ئادىتى بولۇپ ، 12 ياش ۋاقتىدىكى بىر قېتىملىق ئويۇن جەريانىدا تاساددىپىي ھالدا ئەينەك پارچىلىرىنى چايناپ-يۇتۇپ كۆنۈپ قالغاندىن بېرى 40 يىل جەريانىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۈزۈلدۈرمەي لامپۇچكا يەپ ھازىرغىچە جەمئىي مىڭدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك لامپۇچكىنى يەپ بولغان .
ۋاڭ XX نىڭ تونۇشتۇرىشىچە ئۇنىڭ لامپۇچكا يېيىش خۇمارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، ئىلگىرى مۇشۇ سەۋەبلىك 2 قېتىم ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتكەن . ئادەتتە بىرەر كۈن لامپۇچكا يېمىسە خۇددىي زەھەر خۇمارى تۇتقان ئادەمدەك پۇت-قوللىرى تىترەپ ، ئېغىز-بۇرۇنلىرىدىن سۇ ئېقىپ كېتىدىكەن .