ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئاجايىباتلار>

يىمەكلىكلەرنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى

2010-يىلى07-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە: تەھرىر: شاھ سەنەم چېكىلىشى:قىتىم
  

  ئىپتىدائىي  جەمئىيەتتە : _قەبىلە  باشلىقى ، قەبىلىمىزدە  يېمەكلىك  قالمىدى ، نىمە  يەيمىز ؟

  _ تۆگە  مىنىپ  تۆگە  ئىزدەپ  يۈرەمسەن ، ئالدىنقى  كۈنلەردە  قولغا  چۈشكەن  ئەسىرلەر  بارغۇ ؟ شۇلارنى  يىسەك  بولمىدىمۇ !

  فىئۇداللىق  جەمئىيەتتە : _ بېگىم ، بۇ  يىلقى  بايرامدا  نىمە  يىگۈللىرى  بار ؟

  _ كالۋا ! توخۇ ، ئۆردەك ، بېلىق  گۆشى...نىمە  بولسا  شۇنى  يىگۈلۈك ، نىمە  قىلاتتىڭ  تولا  سوراپ ؟ پەخەس  بول ، سېنى  بېلىق  ئورنىدا  قورىۋەتمەي  يەنە . ماڭ ، ماڭ  ماجىياڭ  ئوينىشىمغا  دەخلى  قىلما !

  بۈگۈنكى  جەمئىيەتتە : _ ئىدارە  باشلىقى ، بۈگۈن  كەچتە  زىياپەتتە  نىمە  يەيمىز ؟ ئېيىق  تاپىنى ، پىل  بۇرنىمۇ  ياكى  مايمۇن  مېڭىسىمۇ ؟

  _ ھەممىدىن  زېرىكتىم ، يېڭىراق  بىر  نەرسە  يىمەيلىمۇ ؟

  كەلگۈسىدە : _ رەئىس  جۇمھۇر ( زۇڭتۇڭ ) جاناپلىرى ، ھازىر  يەر  شارىدا  ئىنسانلاردىن  باشقا  جانلىقلارنىڭ  ھەممىسىنىڭ  نەسلى  قۇرىدى ، بىز  نېمىمۇ  يەرمىز ؟

  _ ھەي..ي ! ئىنسانپەرۋەرلىكتىن  سۆز  ئاچقۇلى  بولمىغۇدەك ، كلون  ئادىمىنى  يەيلى !

  كەلگۈسىنىڭ  كەلگۈسىدە : _ تېز  قاراڭا  باشلىق ، ئاۋۇ  ئۇچار  كېمىدىن  بىر  توپ  تاشقى  پىلانىت  ئادىمى  چىقىۋاتىدۇ ، بىز  ئاچ  قالمىغۇدەكمىز !

  _ ( تاشقى  پىلانىت  ئادەملىرى ) ھا ، ھا ، ھا ، بەك  بەلەن  بولدى ، بۇ  سەييارىدە  يەنە  بىر  توپ  نەسلى  قۇرۇمىغان  مايمۇن  بار  ئىكەن ، ئەمدى  بىزنىڭ  يەيدىغىنىمىز  بار  بولدى .

ئەدەبى تەرجىمىلەر

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!