ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى> گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە ، يېقىندا كانادانىڭ ئاندورا ئۆلكىسىدىكى بىر كىچىك بازاردا كىشىلەر كۆلدىن غەلىتە بىر مەخلۇقنى بايقىغان . بۇ مەخلۇقنىڭ بېشى ۋە پۇتىدىن باشقا ھەممە يېرى قۇيۇق تۈك بىلەن قاپلانغان بولۇپ ، شەكلى ھازىرقى ھېچقانداق ھايۋانغا ئوخشىمايدىكەن . يەرلىك كىشىلەر ئۇنى رىۋايەتلەردە تەسۋىرلىنىدىغان <مونتاك مەخلۇقى> بولۇشى مۇمكىن ، دەپ قارىغان .
بۇ مەخلۇقنى شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئوۋ ئىتى بايقىغان بولۇپ ، سۇدىن سۈزۈپ چىقىرىلغاندا ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكى بايقالغان ، لېكىن ئۇنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى توغرىلىق ھېچقانداق يىپ ئۇچى بايقالمىغان . ھايۋاناتشۇناسلار بۇ ئاتالمىش غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە شۇ جايدىكى بىرەر نورمال ھايۋاننىڭ خىمىيىلىك بۇلغىنىش تەسىرىدىن ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇشى مۇمكىن ، دەپ قارىدى .