2010-يىللىق خەلقئارا يېنىك ئاتلېكتا سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ شاڭخەي بېكىتىدىكى مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن كەچ ئىككى چوڭ تۈرنى ئاياغلاشتۈردى . ئەرلەرنىڭ 110 مېترغا توساق ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز ماھىرى ليۇشياڭ 13.40 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى ، يەنە بىر يەرلىك ماھىر شى دۇڭپېڭ 13.39 سېكۇنتتا 2-لىككە ئېرىشتى ھەمدە كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم سەپدىشى ليۇشياڭنى مەغلۇب قىلدى . چېمپيونلۇق بولسا 12.99 سېكۇنتتا مۇسابىقىنى تاماملىغان ئامېرىكىلىق ماھىر ئولىۋېرغا مەنسۇپ بولدى .
ئەرلەرنىڭ 200 مېترغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە يامايكىلىق داڭلىق ماھىر __ <چاقماق> بولت 19.76 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن كۈچىمەيلا چېمپيون بولدى . ئامېرىكىلىق ئىككى ماھىر تايلور ۋە بوللى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2- ۋە 3-بولدى .