24-ماي چۈشتىن كېيىن شاڭخەي داۋپېي دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيىگە كىرىش ئالدىدا تۇرغان 2 ياشلىق قىز يۆيۆ ئاچىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشتى . يۆيۆنىڭ ئاچىسى __ بۇ يىل 10 ياشقا كىرگەن چىن چىن يىلىك يىگىلەش خارەكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ ، يىلىك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىقلا ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىن ، بۇيىل ئەمدىلا 2 ياشقا كىرگەن يۆيۆ ئۆز يىلىكىنى ئاچىسىغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولغان . ئىگىلىنىشىچە ئۇ ھازىرغىچە جۇڭگودىكى يېشى ئەڭ كىچىك يىلىك تەقدىم قىلغۇچى ئىكەن .