
گۋاتېمالادىكى پاسايا يانار تېغى 27-ماي پارتلاشقا باشلىغاندىن بۇيان كۆپ مىقداردىكى قۇيۇق يانار تاغ كۈلى ئۈزلۈكسىز ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىپ ، شۇ يەرنىڭ ھاۋا قاتنىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا يەنە تۆۋەن بوشلۇققا تىنىپ چۈشكەن يانار تاغ كۈللىرى پايتەخت گۋاتېمالا شەھىرىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتتى . ھازىرغىچە يانار تاغ پارتلاش سەۋەبى بىلەن شۇ يەرلىك بىر تېلىۋېزىيە مۇخبىرى قازا قىلدى ھەمدە 3 بالا يوقاپ كەتتى ، 1600 دىن ئارتۇق ئادەم جىددىي چېكىندۈرۈلدى .

پايتەخت ئايرودرومى ۋاقىتلىق تاقالدى

كىشىلەر يوللارغا تىنىپ قالغان يانار تاغ كۈلىنى تازىلىماقتا

ئايروپىلان گەۋدىسىمۇ يانار تاغ كۈلى بىلەن تولۇپ كەتتى


















