ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

مېسسى تۇيۇقسىز يارىلىنىپ ئارگېنتىنالىقلارنى چۆچۈتىۋەتتى !

2010-يىلى05-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى لىئو مېسسى مەشق جەريانىدا تۇيۇقسىز يارىلىنىپ ، ئارگېنتىنا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقارادىكى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويدى . مېسسى شۇ كۈنى دۆلەت كوماندىسىنىڭ د
  

5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى لىئو مېسسى مەشق جەريانىدا تۇيۇقسىز يارىلىنىپ ، ئارگېنتىنا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويدى . مېسسى شۇ كۈنى دۆلەت كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇنقى كوللېكتىپ مەشقىدە سەپدىشى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ، ئوڭ تىزى قاتتىق ئاغرىپ تۇرالماي قالغان ۋە تېزلا مەشقتىن ئايرىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرتۈلگەن . نۆۋەتتە تەكشۈرۈش نەتىجىسى تېخى چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن كوماندا يېتەكچىسى دەسلەپكى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يارىسىنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىكىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى ئېيتتى .

بۇ يىل ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن مېسسى 2009-يىللىق ياۋروپا ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان چولپان بولۇپ ، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن مارادونانىڭ ئىز باسارى __ يېڭى پۇتبول پادىشاھى ، شۇنداقلا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىدىكى كاپالىتى دەپ قارالماقتا .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!