ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئارگېنتىنادا ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ نىكاھلىنىشى قانۇنلاشتۇرۇلدى

2010-يىلى07-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئارگېنتىنا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئارگېنتىنا كېڭەش پالاتاسى 15-ئىيۇل قارار ماقۇللاپ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشىنىچەكلەش قانۇن لاھىيىسىنى رەسمىي بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇنىڭ بىلەن ئارگېنتىنا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئوخشاش جىنىسلىقل
  

ئارگېنتىنا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئارگېنتىنا كېڭەش پالاتاسى 15-ئىيۇل قارار ماقۇللاپ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشىنى چەكلەش قانۇن لاھىيىسىنى رەسمىي بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇنىڭ بىلەن ئارگېنتىنا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى قانۇنلاشتۇرغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى .

شۇ كۈنى ئېچىلغان دۆلەت كېڭەش پالاتاسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا 16 سائەت داۋاملاشقان كەسكىن مۇنازىرىدىن كېيىن 33 بېلەتنىڭ قوشۇلۇشى ، 27 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مەزكۇر قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن . ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ۋە كاتولىك دىنى جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى بىلەن ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى ئارگېنتىنادا ئىزچىل قانۇنسىز دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل چەكلەش قانۇنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كۆپ قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەن .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!