ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى خام ماي ئېقىپ چىقىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

2010-يىلى07-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ ، مېكسىكا دېڭىز قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كەتكەنقۇرۇلمىغا يېڭى قاپقا بېكىتىپ ، خام نېفىت چىقىپ كېتىشنى تولۇق تۈگەتكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە دېڭىز ئاستى نېفىت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى .
  

ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ ، مېكسىكا دېڭىز قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كەتكەن قۇرۇلمىغا يېڭى قاپقا بېكىتىپ ، خام نېفىت چىقىپ كېتىشنى تولۇق تۈگەتكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە دېڭىز ئاستى نېفىت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىدى .

ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئېچىشنى ئۈستىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا دېڭىز قولتۇقىغا جايلاشقان دېڭىز ئۈستى نېفىت سۇپىسىدا 3 ئاي ئىلگىرى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، دېڭىز ئاستىدىكى نېفىت قۇدۇقى يېرىلىپ كۆپ مىقداردا خام نېفىت ئېقىپ چىقىپ كەتكەن ۋە دېڭىز يۈزىدە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ مېكسىكا قولتۇقى رايونى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى بىر نەچچە شىتاتىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئېغىر ئېكولوگىيىلىك ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى بىر نەچچە قېتىم نېفىت ئېقىپ چىقىپ كەتكەن قۇدۇق ئېزىنى ئېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ قايتا-قايتا مەغلۇب بولۇپ ، ئاخىرى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى قۇدۇق ئېغىزىغا يېڭى قاپقا ئورنىتىش ئارقىلىق داۋاملىق خام نېفىت ئېقىپ چىقىشنى توسۇپ ، ئاپەتنىڭ كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى . شۇنداقتىمۇ بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ پۈتكۈل ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرىغا كەلتۈرگەن زىيىنى زىيادە ئېغىر بولغانلىقتىن ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى كېيىنكى 7 يىل ئىچىدە ئامېرىكىدا نېفىتلىك ئېچىشتىن چەكلەش جازاسىغا ئۇچرىدى .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!