يېقىندا ئەنگىلىيىلىك بىر فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارى ھىندىستان دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىدا بىر پىلنىڭ كەسلەنچۈكنى <بوزەك قىلىپ ئويناۋاتقانلىقى> دەك قىزىقارلىق بىر كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان . يېتىلگەن بىر چىشى پىل كەسلەنچۈكنىڭ قۇيرۇقىنى خارتۇمى بىلەن يۆگەپ تۇتىۋالغان بولۇپ ، توختىماي ھاۋادا ئۇياقتىن-بۇياققا پۇلاڭلىتىپ ئوينىغان . كەسلەنچۈك گەرچە ئۆز تۈرى ئىچىدە جۇغى خېلىلا چوڭ بولسىمۇ لېكىن بۇ پىلنىڭ ئالدىدا بىر ئەرمەك قونچاققىلا ئوخشاپ قالغان . پىل ئۇنى شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە كۈن يېنىدىن ئايرىماي ئويۇنچۇق ئورنىدا ئويناپ تازا قىينىغاندىن كېيىن ئاندىن قويۇپ بەرگەن .