5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنىس-ئايرېستىكى غالىبىيەت مەيدانىدا دۆلەت كوماندىسىنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئۇزۇتۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . ئارگېنتىنا كوماندىسى 28-چېسلا جەنۇبىي ئافرىقىغا يېتىپ بېرىپ 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىنى رەسمىي باشلايدۇ . بۇ قېتىم مارادونىڭ تېرىنېرلىقىدا مېسسى قاتارلىق دۇنياۋى چولپانلار يىغىلغان ئارگېنتىنا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ كوماندىلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا .
شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى 5-0 نەتىجە بىلەن كانادا كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى .
![图文-[热身赛]阿根廷5-0加拿大特维斯尽力争抢](../../../../uploads/allimg/100526/044UT214-2.jpg)


كوماندا ئەزالىرى ئامراق بالىلىرى بىلەن خوشلاشتى

دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ماسچېرانو
توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۈمىدى زور !





















