ئىسپانىيە خانلىق مادرىد پۇتبول كۇلۇبىنىڭ رەئىسى فلورېنتىنو تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ ، كوماندىنىڭ ھازىرقى تېرىنېرى پېللېگرىنى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلىپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنتېر مىلان كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى مۇرىنىئونى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئەگەر مۇرىنىئو ئىنتېر مىلان بىلەن بولغان توختام مۇناسىۋىتىنى ئوڭۇشلۇق ئۈزەلىسىلا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ تېرىنېرلىق ئورنىغا رەسمىي چىقىدۇ .
پورتۇگالىيىلىك <خىسلەتلىك تېرىنېر> مۇرىنىئو بۇ يىللىق ھەر قايسى مۇسابىقىلەردە ئىنتېر مىلان كوماندىسىنى يېتەكلەپ 3 چوڭ مۇسابىقىسنىڭ چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كېيىنكى نىشانى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى بولۇش ئىكەنلىكىنى ئەشكارىلىغان . دۇنيادىكى ئەڭ باي كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولغان خانلىق مادرىد كوماندىسىمۇ ئۆتكەن يىلى 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ سالغان بولسىمۇ بۇ يىللىق مۇسابىقىلەردە ھېچقانداق چېمپيونلۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن مۇرىنىئونى تەكلىپ قىلىپ كوماندىنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى .
خانلىق مادرىدنىڭ كونا-يېڭى تېرىنېرى