
2009/2010-يىللىق ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچ ئىسپانىيىنىڭ مادرىدتىكى سانتىياگو بېرنائۇ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى . ئىتالىيىنىڭ ئىنتېر مىلان كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە گېرمانىيىنىڭ بايرېن ميۇنخېن كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ 45 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى . مۇسابىقىدە ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچى مىلىتو 2 توپ ئۇرۇپ ئىنتېر مىلاننىڭ غەلىبىسىگە ئاساس سالدى ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى . ئىنتېر مىلاننىڭ پورتۇگالىيىلىك تېرىنېرى مۇرىنىئو يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنېر بولۇپ باھالاندى .

ئىنتېر مىلان كۇلۇبىنىڭ رەئىسى موراتى (ئوڭدا) ۋە تېرىنېرى مۇرىنىئو
ئىنتېر مىلان 2009/2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى ، ئىتالىيە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقىسى __ ئۈچ چوڭ مۇسابىقىدە چېمپيون بولۇپ ، يەككە مۇسابىقە پەسلىدە ئۈچ چېمپيونلۇققا ئېرىشكەن تارىختىكى 6-كوماندا بولۇپ قالدى .

![图文-[欧冠]国米2-0拜仁精彩的射门瞬间](../../../../uploads/allimg/100523/1613331617-3.jpg)
مىلىتو مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزدى
![图文-[欧冠]国米2-0拜仁埃托奥看来这球他收了](../../../../uploads/allimg/100523/1613334161-4.jpg)
![图文-[欧冠]国米2-0拜仁喧嚣的看台烽烟四起](../../../../uploads/allimg/100523/161333M53-5.jpg)

زانېتتى 15 يىل ساقلاپ ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى

![图文-[欧冠]拜仁VS国米此时我的心里拔凉拔凉的](../../../../uploads/allimg/100523/1613331K1-8.jpg)





















