28-ماي ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جەنۋەدە قارار ماقۇللاپ 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسىنى ئۆتكۈزىدىغان ساھىبخان دۆلەتنى ئېلان قىلدى . بۇ قېتىم ئىتالىيە ، فرانسىيە ۋە تۈركىيە ئۈچ دۆلەت 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلغان بولۇپ ، ئاخىرىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق فرانسىيە ساھىبخانلىق شەرىپىگە ئېرىشتى . 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىن باشلاپ رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان دۆلەت كوماندىلىرى ئىلگىرى 16 دىن 24 كە كۆپەيتىلىدۇ .
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مىچېل پىلاتىنى (فرانسىيىلىك) ئاخىرقى نەتىجىنى ئېلان قىلدى
فرانسىيىلىك داڭلىق پۇتبول چولپىنى زىدان ۋە زۇڭتۇڭ ساركوزى مۇراسىمغا ھەمدەم بولدى
زۇڭتۇڭ رەئىسنىڭ <ئىپادىسى> دىن قاتتىق رازى !