ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگىلىيىدە ئورۇقلىغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ

2010-يىلى05-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگىلىيە پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، دۆلەت ئىچىدەكۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان سېمىزلىك نىسبىتىھەمدە سېمىزلىكنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە نوپۇس سۈپىتىگە كەلتۈرىۋاتقان زىيىنى ۋە يوشۇرۇن تەھدىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، ئەنگىلىيە سەھىيە تارماقلىرى يېقىندا سېمىزل
  

ئەنگىلىيە پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، دۆلەت ئىچىدە كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان سېمىزلىك نىسبىتى ھەمدە سېمىزلىكنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە نوپۇس سۈپىتىگە كەلتۈرىۋاتقان زىيىنى ۋە يوشۇرۇن تەھدىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، ئەنگىلىيە سەھىيە تارماقلىرى يېقىندا سېمىزلەرنى ئاكتىپ ئورۇقلاشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر خىل يېڭىچە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ . مەزكۇر پىلاننى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى دۆلەتلىك سەھىيە مۇلازىمەت مەھكىمىسىگە ھاۋالە قىلغان بولۇپ ، ئۇلار ھەر يىلى قەرەللىك ۋاقىتتا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش نىشانىنى ئورۇندىيالىغانلارغا 425 فوندستېرلىك مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . مەسئۇل خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇلار بۇ يېڭى تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن 42 مىليون فوند مۇكاپات سوممىسى ھازىرلاپ قويغان ، ئەمەلىيەتتە بۇنچىلىك خىراجەت ئەنگىلىيىدە ھەر يىلى سېمىزلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىكەن .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!