ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىليون فوندلۇق قۇرۇلۇش غازنىڭ تۇخۇم بېسىشى ئۈچۈن توختىتىلدى

2010-يىلى05-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ خەۋەر قىلىشىچە يېقىندا ئەنگىلىيىدىكى بىر مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى چوڭ قۇرۇلۇش بىر غازنىڭ تۇخۇم بېسىشىغا دەخلى قىلماسلىقئۈچۈن ۋاقىتلىق توختىتىلغان . مەزكۇر قۇرۇلۇش بېرمىنھام شەھىرىدىكى ئىقتىسادىي رايونغا سېلىنىۋاتق
  

ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ خەۋەر قىلىشىچە يېقىندا ئەنگىلىيىدىكى بىر مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى چوڭ قۇرۇلۇش بىر غازنىڭ تۇخۇم بېسىشىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن ۋاقىتلىق توختىتىلغان . مەزكۇر قۇرۇلۇش بېرمىنھام شەھىرىدىكى ئىقتىسادىي رايونغا سېلىنىۋاتقان سودا بىناسى بولۇپ ، بۇ قۇرۇلۇشقا بىر مىليون فوندستېرلىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان . قۇرۇلۇش پۈتۈشكە ئاز قالغاندا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى قۇرۇلۇش رايونىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۇۋا سېلىپ تۇخۇم چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر غازنى بايقاپ قالغان . بۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ غازنىڭ بىخەتەر تۇخۇم چىقىرىشىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن قۇرۇلۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلغان ھەمدە غاز ئۇۋىسى ئەتراپىنى ياغاچ تاختا بىلەن ئوراپ يەنە تېخى غازنى كۆزىتىش ۋە قوغداشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان . غاز ئۇۋىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى چاپلىنىپ <غاز تۇخۇم بېسىۋاتىدۇ ، خىزمەتنى توختىتىڭ> دەپ يېزىلغان .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!