فرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، پارىژ مودېرنىزم سەنئەت مۇزېيىدا 19-ماي كېچىدە پەۋقۇلئاددە زور ئوغرىلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، پىكاسونىڭ داڭلىق رەسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى 5 پارچە قىممەتلىك رەسىم ئوغرىلاپ كېتىلگەن . مۇزىې تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئوغرىلىق ۋەقەسى 19-چېسلا يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ ، خادىملار ئەتىسى مۇزېيغا كەلگەندە ئىشىك-قۇلۇپلارنىڭ قومۇرۇلۇپ دېرىزىنىڭ چېقىلغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە رەسىملەرنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان . نۆۋەتتە پارىژ ساقچى تەرەپ بىلەن فرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىرلىشىپ بۇ دېلونى تەكشۈرمەكتە .