كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 20-ماي <تيەنئەن> ناملىق پاراخوتنىڭ پارتلاپ چۆكۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى . دوكلاتتا <تيەنئەن> ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە چاۋشيەننىڭ كىچىك تىپتىكى سۇ ئاستى كېمىسى قويۇپ بەرگەن سۇ مىناسىنىڭ زەربىسىدە پارتلاپ چۆكۈپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .