كورىيە زۇڭتۇڭى لى مىڭبو 24-ماي خەلق پارلامېنتىدا بايانات ئېلان قىلىپ ، كورىيىنىڭ <تيەنئەن> ناملىق چارلىغۇچى پاراخوتىنىڭ چاۋشيەن سۇ ئاستى پاراخوتى قويۇپ بەرگەن سۇ مىناسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ، بۇنىڭ ئۈچۈن چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە بۇندىن كېيىن چاۋشيەن كېمە-پاراخوتلىرىنىڭ كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقى ، چاۋشيەن بىلەن بولغان بارلىق سودا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ۋاقىتلىق توختىدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرىدىغانلىنى جاكارلىدى .