تېڭشۈن تورى 23-ماي خەۋىرى 腾讯新闻 مەنبە : http://news.qq.com/a/20100523/000160.htm
ئامېرىكا پىرىزدىنتى ئوباما 22-ماي غەربىي ئوفېتسىرلار ئىنىستىتوتىنىڭ (西点军校،غەربىي ئوفېتسىرلار مەكتىۋى دەپمۇ ئاتىلىدۇ )2010-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 1002 نەپەر ئوقۇغۇچى شۇ كۈنى رەسمىي ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە كەنجى لېيتنانتلىق ئۇنۋانغىا ئېرىشتى .
غەربىي ئوفېتسىرلار ئىنىستىتوتى نىيۇ-يوركنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ ،نيۇ-يورك شەھرىگە 80كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇمەكتەپ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ھەربىي مەكتىۋى بولۇپ،1802-يىلى3-ئاينىڭ16-كۈنى ئامېركىنىڭ 3-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى،<ئەركىنلىك خىتابنامىسى>نىڭ تېزىسىنى تۈزگۈچى-توماس.جېففىرسون پارلامېنت يىغىنىدا بۇ مەكتەپنى قۇرۇشقا بىۋاستە تەستىق سالغان.
غەربىي ئوفېتسىرلار ئىنىستىتوتى ،ئەنگلىيە پادىشاھلىق ھەربىي ئىنىستىتوتى،روسيە فۇرۇنج ھەربىي ئىنىستىتوتى، ۋە فىرانسىيە سېن شىېر ھەربىي مەكتىۋى دۇنيادىكى<4چوڭ ھەربىي مەكتەپ>دەپ ئاتالغان بولۇپ ،ئامېرىكىنىڭ غەربىي ئوفېتسىرلار ئىنىستىتوتى ئامېرىكا تارىخىدىكى داڭلىق گېنراللارنى ،داڭلىق شەخىسلەرنى يېتشتۈرۈپ چىققان.ئامېرىكىنىڭ34-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى ئېزىنخاۋىر ۋە يەنە گېنىرال پاتتون قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق شەخىسلەر مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن .