ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

مۇخبىر ئوت ئاپىتىنى خەۋەر قىلىپ تاياق يېدى

2010-يىلى05-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:سوخۇ تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
جەنۇب تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 23-ماي چۈشتىن بۇرۇن گۇڭجۇ شەھىرىدىكى ۋەنفۇ بىئو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دورا ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئوت كەتكەن دائىرە 200 كۋادرات مېتردىن ئېشىپ كەتكەن . گەرچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ لېكىن كېچ
  

جەنۇب تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 23-ماي چۈشتىن بۇرۇن گۇڭجۇ شەھىرىدىكى ۋەنفۇ بىئو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دورا ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، ئوت كەتكەن دائىرە 200 كۋادرات مېتردىن ئېشىپ كەتكەن . گەرچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ لېكىن كېچىكىپ مەلۇم قىلىنغانلىقتىن ئوت ئاپىتى چۈشتىن كېيىنگە بارغاندا ئاندىن تىزگىنلەنگەن .

چۈشتىن كېيىن بىر مۇخبىر نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ خەۋەر قىلماقچى بولغاندا شىركەت ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان . قوغدىغۇچىلار نەچچىسى بىر بولۇپ بۇ مۇخبىرنى ئۇرۇپ قاتتىق يارىلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتىنى بۇزۇپ چېقىۋەتكەن . نۆۋەتتە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!