ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يىلان تەتقىقات ئورنى ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتتى

2010-يىلى05-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:سوخۇ تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
برازىلىيىنىڭ سان-پاۋلو شەھىرىگە جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك يىلان تەتقىقات ئورنى بولغان Instituto Butantan تەجرىبىخانىسىغا يېقىندا ئوت كېتىپ ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يىغىپ ساقلانغان 80 مىڭغا يېقىن يىلان ئەۋرىشكىسى ۋە مىڭدىن ئارتۇق چايان ، ئۆمۈچۈك
  

برازىلىيىنىڭ سان-پاۋلو شەھىرىگە جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك يىلان تەتقىقات ئورنى بولغان Instituto Butantan تەجرىبىخانىسىغا يېقىندا ئوت كېتىپ ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يىغىپ ساقلانغان 80 مىڭغا يېقىن يىلان ئەۋرىشكىسى ۋە مىڭدىن ئارتۇق چايان ، ئۆمۈچۈك ئەۋرىشكىلىرى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى .

مەزكۇر تەجرىبىخانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىپ كېلىنگەن بارلىق تۈردىكى زەھەرلىك يىلان ، زەھەرلىك ئۆمۈچۈك ۋە چايانلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرى ساقلىنىپ تەتقىق قىلىنىدىغان بولۇپ ، بەزى ئەۋرىشكىلەرنىڭ تارىخى ھەتتا بىر ئەسىردىن ئاشقان . تەتقىقاتچىلار بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ئىنسانىيەتنىڭ زەھەرلىك يىلان-چايانلار ھەققىدىكى بارلىق قىممەتلىك ماتېرىياللىرى ۋە بايلىقى ، شۇنداقلا يېڭى زەھەرگە قارشى دورىلارنىڭ بالدۇرراق مەيدانغا كېلىش پۇرسىتىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋەتتى ، دەپ قارىدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!