چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگىلىيە كامبرىج ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا تروپىك بەلباغ ئورمانلىقىدا ياشايدىغان بىر خىل رەڭلىك كېپىنەكنىڭ قانىتىغا تەقلىد قىلغان ئاساستا يۇقىرى تېخنىكىلىق ، ئوخشىتىپ ياسىغىلى بولمايدىغان قەغەز پۇل ياكى ئىناۋەتلىك كارتا ياساش تېخنىكىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان .
ئالىملار كۆزىتىش ئارقىلىق كېپىنەك قانىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئوپتىك تالا خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ ، بىر سانتېمتر كەڭلىكتىكى كېپىنەك قانىتىدا 118 خىل رەڭلىك تالا بارلىقىنى بايقىغان . بۇ خىل مۇرەككەپ رەڭلىك تالالىق خۇسۇسىيەتنى پۇل بېسىش ياكى ماگنىتلىك رەڭلىك كارتا تېخنىكىسىغا تەقلىد قىلغاندا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مۇرەككەپ سىزىقلىق قەغەز پۇللارنى ياساپ چىقىپ ،ساختا پۇل ياساشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .