ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئاسترونومىيە ئىلمىي جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا يىراق ئالەم بوشلۇقىدا بىر يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇزنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . R136a1 دەپ نام بېرىلگەن بۇ يۇلتۇز ئىنسانلار ياشاۋاتقان سامانيولى سېستىمىسىدىن 165 مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتا بولۇپ ئىلگىرى ئەڭ چوڭ دەپ قارالغان تۇرغۇن يۇلتۇزدىنمۇ ئىككى ھەسسە چوڭ ئىكەن .
ئاسترونوملارنىڭ تەخمىن قىلىشىچە بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يېشى تەخمىنەن بىر مىليون يىلدىن ئاشقان بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۈزلۈكسىز خوراپ چوڭلۇقى ئىلگىرىكى قۇياشنىڭ 320 ھەسسىسىدىن نۆۋەتتىكى 250 ھەسسىسىگە چۈشۈپ قالغان . شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ نۇرى قۇياش نۇرىدىن 1000 ھەسسە كۈچلۈك سىرتقى تېمپراتۇرىسى 40 مىڭ گرادۇسقا يېتىدىغان بولۇپ يەنە ئۈچ مىليون يىلدىن كېيىن خوراپ تۈگەيدىكەن .