3-ئىيۇل ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادىمى <چېچەر قول-A> تيەنجىن شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتتى ھەمدە ئېلىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تۇنجى ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى بولۇپ قالدى ، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى مېدىتسىنا ساھەسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ ، تېخنىكا جەھەتتە خەلقئارا سەۋىيىگە يېقىنلاشتى .
بۇ ماشىنا ئادەمنى تيەنجىن ئۇنۋېرستېتى ، نەنكەي ئۇنۋېرستېتى ۋە تيەنجىن تىببىي ئۇنۋېرستېتى باش دوختۇرخانىسى بىرلىشىپ تەتقىق قىلغان بولۇپ ، دۆلەتنىڭ <863> قۇرۇلۇش تۈرى ۋە مەملىكەتلىك ئىلغار ياش پەن-تېخنىكا خادىملىرى مۇكاپات فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن . جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى باشتىن-ئاخىر تېخنىكىلىق نازارەتكە مەسئۇل بولغان .