ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

دۇنيادىكى مەمورى تۇزۈملەرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىكى

2010-يىلى08-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە: تەھرىر: بايقار چېكىلىشى:قىتىم
دۇنيادىكى مەمورى تۇزۈملەرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىكى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مەمورى تۈزۈمى بىر-بىرگە ئوخشىمىغاچقا بىز خەۋەرلەردە ئاڭلايدىغان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامىمۇ ئوخشىمايدۇ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ زۇڭتۇڭ، بەزىلىرىنىڭ زۇڭلى يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا باش
  

دۇنيادىكى مەمورى تۇزۈملەرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىكى

دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مەمورى تۈزۈمى بىر-بىرگە ئوخشىمىغاچقا بىز خەۋەرلەردە ئاڭلايدىغان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامىمۇ ئوخشىمايدۇ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ زۇڭتۇڭ، بەزىلىرىنىڭ زۇڭلى يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا باش ۋەزىر دىيىلدۇ. دۆلەتلەرىنىڭ مەمورى تۈزۈمىنى تۈرگە ئايرىشتا دۆلەت باشلىقى ، قانون تۇرغۇزۇش ۋە مەمورى ئورگانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە شۇنداقلا ھۆكۇمەت تەشكىللەش شەكىلىنىڭ ئۇخشىماسلىقىغا  ئاساسەن بەشكە بۆلۇنىدۇ ، ئۇلار ئىچكى كابىنىت تۈزۈمى، زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى،يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى،كۇمىتىت تۈزۈمى ۋە خەلق خۇجايىن بۇلۇش تۈزۈمىدىن ئىبارەت. تۆۋەندەبىز ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرۇپ باقايلى.

1.ئىچكى كابىنىت تۈزۈمى

ئىچكى كابىنىت تۈزۈمىنىڭ مەنبەسى ئەنگىلىيە، ئىچكى كابىنىت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەنگىلىيە ، ياپۇنىيەدەك پادىشاھلىق ئاساسى قانونلۇق دۆلەتلەرمۇ، ھىندىستان ۋە ئىسرائىليەدەك جۇمھورىيەت تۈزۇمىدىكى دۆلەتلەرمۇ بار. بۇ خىل تۈزۈمنىڭ  ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

1.پارلامىنىتنى ھەممىنىڭ ئۇستىگە قۇيۇش.

پارلامىنىتلىق تۈزۈم شارائىتىدا پارلامىنىت دۆلەت سىياسى تۇرمۇشىنىڭ مەركىزى بۇلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ھۇقۇقلۇق ئورگىنى ، قانون چىقىرىش ۋە ئىچكى كابىنىتنى تەشكىللەش ۋە نازارەت قىلش ھۇقۇقى بۇلىدۇ.ئىچكى كابىنىت پارلامىنىتتا پەيدا بۇلىدۇ، ۋە پارلامىنىت ئالدىدا مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ، ئىچكى كابىنىتتىكى باش مىنىستىر ياكى باش ۋەزىر پارلامىنىتقا قەرەللىك خىزمەت دۇكلات سۇنىدۇ ۋە پارلامىنىت نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ.

2.ئىچكى كابىنىت تەشكىللەشتىك خاسلىق.

ئىچكى كابىنىت پارلامىنىت  تۆۋەن پالاتادا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلگەن بىر پارتىيە ياكى پارتىيە ئىتتىپاقىدىن دۆلەت باشلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەشكىللىنىدۇ. ئىچكى كابىنىت زۇڭلىسى ياكى باش ۋەزىر دۆلەت باشلىقى بۇلۇپ تەيىنلەنمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دۆلەت باشلىقىنىڭ ھۈقۇقىنى يۈگۈزىدۇ.

3. دۆلەت باشلىقى شەكىلگە بۇلىدۇ.

دۆلەت باشلىقى بىر سىمۋول بۇلۇپ،ئەمەلىي ھۇقۇق بولمايدۇ ھەمدە ھىچقانداق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ. زۇڭلى ياكى باش ۋەزىر دۆلەت باشلىقى ئالدىدا جاۋاپكار بولمايدۇ.دۆلەت باشلىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۇقۇقى بولمايدۇ، ئاساسى قانوندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، گوۋۇيۇننىڭ قۇشۇلىشى ئاستىدا بەزى ھۇقۇقلارنى يۈرگۇزىدۇ.

4.ئىچكى كابىنىت مەمورى ھۇقۇقنى يۈرگۈزىدۇ.

بۇ خىل تۈزۈم شارائىتىدا، ئىچكى كابىنىت دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھۇقۇقلۇق مەمورى ئورگىنى بۇلۇپ،ئىچكى كابىنىت باشلىقى ئەمەلىي ھۇقۇقىنى قولىدا تۇتقان بۇلىدۇ. ھۇقۇق يۈرگۈزگۇچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى ھۈكۇمەتنىڭ باشلىقى بۇلۇپ، ئۆز پارتىيىسىنىڭ پارلامىنىتتا  كۆپ سانلىق بۇلۇشدىن پايدىلنىپ پارلامىنىتنى كونتۇرۇل قىلىدۇ ۋەيەنە ئەمەلىيەتتە قانون چىقىرىش ھۇقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ.ئىچكى كابىنىت ئەزالىرى بىر ۋاقىتتا پالامىنىت ئەزاسى بولغاچقا، ئىچكى كابىنىت خىزمەت جەريانىدا پارلامىنىتنى ئىگلىۋالىدۇ.

5.ھۈكۇمەت پارلامىنىت ئالدىدا جاۋاپ بېرىدۇ.

ھۈكۇمەت پارلامىنت ئالدىداجاۋاپ بېرىدۇ، پارلامىنىت ئەزالىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىش، ئىچكى كابىنىت قارارى ۋە ھۈكۇمەتنىڭ سىياسىتىنى چۇشەندۇرىدۇ.پارلامىنىتتا ھۈكۇمەتنىڭ سىياسىتى ۋە سىياسى ھەركىتى مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەندىن كىيىن ئاندىن  داۋاملىق يۈگۇزىلىدۇ.ئەگەر پارلامىنىتتا ھۈكۇمەتكە ئىشەنمەسلىك ياكى ھۈكۇمەتكە ئىشىنىش رەت قىلىنسا پارلامىنىت ئەزالىرى كوللىكتىپ ئىستىپا بېرىدۇ ياكى ئىچكى كابىنىت باشلىقى دۆلەت باشلىقىغا پارلامىنىتنى تارقىتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ،ئالدىن پارلامىنىت سايلىمى ئىلىپ بېرىلىپ، يىڭى پارلامىنىت ھۈكۇمەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.

2. زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى

زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى بولسا زۇڭتۇڭ بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت باشلىقى ۋە ھۈكۇمەت باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئالدىغان ئالدىغان تۈزۈم شەكلى. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئامىرىكىدا مەيدانغا كەلگەن. ئارگىنتىنا ،بىرازىليە، مىسىر، ھىندۇنىزىيە ،مىكسىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر مۇشۇ  تۈزۈمدە.

1.زۇڭتۇڭ مۇستەقىل ھالدا پارلامىنىتتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدە زۇڭتۇڭ پارلامىنىتقا بىقىنمايدىغان مۇستەقىل گەۋدە ھىساپلىنىدۇ. بۇ خىل مۇستەقىللىق ، زۇڭتۇڭنىڭ خەلق بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك سايلىمىدا مەيدانغا كىلىشى، ھەرگىز پارلامىنىتتا مەيدانغا كەلمەسلىكى،زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقى ئاساسى قانوندا ئىنىق بەلگىلەنگەن بۇلۇشى ،پارلامىنىتنىڭ ئارلىشۋالماسلىقى، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى قانوندا بەلگىلەنگەن ،بۇلۇپ پارلامىنىتنىڭ ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغانلىقى، ئەگەر زۇڭتۇڭ ئېغىر دەرىجىدە قانونغا خىلاپىلق قىلسا پارلامىنىت ئەيىبلەيدۇ، بىراق ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلىيالمايدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.

2.زۇڭتۇڭ بىر ئادەم ھەم دۆلەت باشلىقى ھەم ھۈكۇمەت باشلىقى بۇلىدۇ.

زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم يۈرگۇزۇلىدىغان دۆلەتتە ، زۇڭتۇڭ بۇ ئىككى ۋەزىپىنى بىراق ئۇستىگە ئالىدۇ.بۇ دۆلەت باشلىقى ئاساسى قانون ۋە باشقا قانونلار ئاساسىدا ئەمەلى ھۇقۇق يۈرگۇزىدۇ.ئادەتتە زۇڭتۇڭ ھەر قايسى مىنىستىرلار ئارقلىق كابىنىت تەشكىللەيدۇ ھەمدە  يەنە كابىنىت باشلىقى بۇلۇپ،   چوڭ مەمورى ھۇقۇقنى يۈرگۇزىدۇ،دۆلەتنىڭ ئۈچ ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانى بۇلىدۇ. يۈرگۇزىدىغان مەمورى بۇيرۇقلاردا گوۋۇيۇەن ئىجازىتىنى ئىلشى ھاجەتسىز .

3. ھۈكۇمەت بىلەن پارلامىنىت پۇتۇنلەي ئايرىلغان بۇلىدۇ.

بۇ خىل تۈزۈمدە ھۈكۇمەت ئەزاسى بىرلا ۋاقىتتا پارلامىنىت ئەزاسى بۇلۇشىغا بولمايدۇ، ھەمدە پارلامىنىت قانون چىقىرىش مۇنازىرىسى ۋە ئاخىرقى قارار چىقىرىش يىغىنىغا قاتناشسا بولمايدۇ.يەنە پارلامىنىتقا قانون ۋە قانون لايھىسى سۇنۇشىغا بولمايدۇ.

4.ھۈكۇمەت ئەزالىرى بىلەن زۇڭتۇڭ يۇقىرى –تۇۋەنلىك مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدە ھۈكۇمەت ئەزالىرىنى زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە قۇيىدۇ ، ئۇلار زۇڭتۇڭ ئالدىدا خىزمىتىدىن دۇكلات بېرىدۇ. ھۈكۇمەت ئەزالىرى زۇڭتۇڭنىڭ قارارىغابويسۇنۇشى لازىم ،زۇڭتۇڭ ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرالايدۇ.

5.ھۈكۇمەت پارلامىنىت ئالدىدا جاۋاپكار بولمايدۇ.

 زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم شارائىتىدا ھۈكۇمەت ھەرگىز پارلامىنىت ئالدىدا جاۋاپكار ئەمەس بەلكى زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاۋاپكار ،زۇڭتۇڭ بولسا سايلىغۇچىلار ئالدىدا جاۋاپكار بۇلىدۇ. پارلامىنىت قانون بۇيىچە زۇڭتۇڭنى نازارەت قىلشتىن باشقا، ئىشەنمەسلىك بىلتى تاشلاپ زۇڭتۇڭنى ئىستىپا بېرىشكە قىستىيالمايدۇ.زۇڭتۇڭمۇ پارلامىنىتنى تارقىتۋىتەلمەيدۇ.زۇڭتۇڭ پارلامىنىتقا دۆلەت ئەھۋالدىن دۇكلات بېرىدۇ،پارلامىنىت تۈزگەن قانون زۇڭتۇڭ ئىمزا قويسا كۇچكە ئىگە بۇلىدۇ،زۇڭتۇڭ قۇشۇلمىسا رەت قىلش ھۇقۇقى يوق. بىراق پارلامىنىت 3تىن2قىسم ئەزانىڭ  قايتا ماقۇللۇقتىن ئۈتكۈزسە، بۇ قانوننى يۈرگۈزگىلى بۇلىدۇ.

3.يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى

يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى ئەڭ دەسلەپ فىرانىسيەدە مەيدانغا كەلگەن ، ئۇ ئىچكى كابىنىت تۈزۈمى بىلەن زۇڭتۇڭ تۈزۈمىنىڭ ئارلىقىدىكى بىر خىل تۈزۈم بۇلۇپ ئۇنىڭدا يۇقىرىقى ھەرئىككى تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكى بار.بۇ خىل تۈزۈمنى يولغا قويغان دۆلەتلەر ئاساسلىقى فىرانسىيە، ئاۋىستىرىيە،فىنلاندىيە،ئىسلاندىيە ۋە پورتۇگالىيە قاتارلىقىلار.سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىنكى روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى شەرقى ياۋرۇپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى مۇشۇ خىل تۈزۈمنى يولغا قۇيۇشقا باشلىدى. بۇخىل تۈزۈمنىڭ مۇچىم ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

1.شەكىلدە ئىككى مەمۇرى باشلىق تەسىس قىلىنغان بۇلىدۇ(زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭلى)

يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدە، شەكىلدە ئىككى مەمۇرى باشلىق بۇلىدۇ يەنى خەلق سايلىغان زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە قويغان زۇڭلى. بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا ئالدىنقىسى چوڭ  سىياسەت فاڭجىنلارنى قارار قىلىدۇ ، كىيىنكىسى كۇنكرىت مەمۇرى ئىشلارغا مەسئول بۇلىدۇ.

2. ھۈكۇمەت زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاراپ بەرمەيدۇ، بەلكى پارلامىنىت ئالدىدا جاۋاپ بېرىدۇ.

بۇ خىل تۈزۈم يۈرگۇزىلىدىغان دۆلەتلەردە، زۇڭلى، دۇلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىدىن تەشكىللەنگەن ھۈكۇمەت زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاۋاپ بەرمەي، ئەكسىچە پارلامىنىتقا جاۋاپ بېرىدۇ. پارلامىنىت ھۈكۇمەتىنى بىكار قىلالايدۇ. پارلامىنىت بىكار قىلش لايھىسى تاكى ئىشەنمەسلىك بىلتى تاشلاش باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ھۈكۇمەت پىروگىراممىسى ياكى باش سىياسەتنى رەت قىلغاندا، زۇڭلى جەزمەن كۇللىكتىپ ئىستىپا بېرىشنى ئۇتتۇرغا قۇيىشى كېرەك.مانا بۇجەھەتتە يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدە ئىچكى كابىنىت تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلكى بولغان بۇلىدۇ.

3.زۇڭتۇڭ ئەمەلى ھۇكۇمرانلىق ھۇقۇقىنى قولغا ئالغان بۇلۇپ،دۆلەتنىڭ ھۇقۇق مەركىزى بۇلىدۇ.

بۇ خىل تۈزۈمدىكى دۆلەتتە زۇڭتۇڭ ئەمەلىي ھۇقۇقنى تۇتۇپ، ھۇقۇق مەركىزىدە تۇرىدۇ ،ھىچقانداق ئورگان ئالدىدا جاۋاپ بەرمەيدۇ. زۇڭتۇڭ دۆلەت باشلىقى بۇلۇش سۇپىتى بىلەن، پارلامىنىت يىغىنلىرىنى تەشكىللەش، قانونغا ئىمزا قۇيۇش ۋە ئۇنى ئېلان قىلش، بۇيرۇق ئېلان قىلش، تاشقى سىياسەت بىكىتىش، ئۈچ خىل ئارمىيىگە قۇماندانلىق قىلش قاتارلىق ھۇقۇقلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا بىۋاستە چوڭ مەمورى ھۇقۇقنى ئىگلىگەن بۇلۇپ، پارلامىنىت قۇشۇلىشىدىن ئۈتكۈزمەيلا زۇڭلى ۋە مىنىستىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئىچكى كابىنىت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ھۇقۇقلىرى بۇلۇپ، بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بۇلىدۇكى يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقى مەلوم مەنىدىن ئېيىتقاندا ئادەتتىكى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم شارائىتىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقىدىنمۇ چوڭراق دىيىشكە بۇلىدۇ.

4.كۇمىتىت تۈزۈمى

كۇمىتىت تۈزۈمى يەنە كىڭىشىش تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ خىل تۈزۈمدە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرى ھۇقۇقى دۆلەت باشلىقى ياكى ھۈكۇمەت باشلىقىدىن ئىبارەت بىر كىشنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن بولماستىن، بەلكى پارلامىنىتتا مەيدانغا كەلگەن كۇمىتىت ئەزالىرى كۇللىكتىپ بۇ ھۇقۇقنى يۈرگۇزىدىغان مەمۇرى تۈزۈم شەكلى.دۇنيادا پەقەت شىۋىتسارىيە بۇ خىل تۈزۈمنى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان دۆلەت بۇلۇپ،1848-يىلدىن بۇيان ئىزچىل بۇ تۈزۈم يولغا قۇيۇلماقتا،بىراق شىۋىتسارىيەدىن بۇرۇن قىرانسىيە بۇيۇك ئىنقىلاپ ۋاقتىدا 1789-يىلى ياكوبىنچىلار بۇخىل تۈزۈمنى يولغا قويغان، بۇ كىيىن شىۋىتسارىيەگە تەسىر كۆرسەتكەن. نۆۋەتتە باشقا دۆلەت بۇخىل تۈزۈمنى قوللانمايدۇ. شىۋىتسارىيەنىڭ يېرىم مۇستەقىل شىتات ۋە جۇمھورىيەتلەردىن تەركىپ تاپقانلىقى، بىر مىللەتتىن تەركىپلەنگەن مىللىي دۆلەت بولماي، نىمىس، فىرانسوز ۋە ئىتالىيان قاتارلىق مىللەتلەردىن تۈزۈلگەن بولغانلىقى، مەركەز ھۇقۇقىنىڭ ئاجىز ،يەرلىك ھۇقۇقىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى بۇ خىل تۈزۈمنىڭ يولغا قۇيۇلىشغا شارائىت ھازىرلىغان.ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كىيىن بىرلەشسە بۇ خىل تۈزۈمنى يولغا قۇيىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

1.پارلامىنىت ھەممىدىن ئۇستۇن ئورۇندا تۇرىدۇ.

شىۋىتسارىيەدە، پارلامىنىت قانون چىقىرىش ھۇقۇقى بۇلۇپلا قالماي، بەلكى مەمۇرى قارار، فاڭجىنلارنى چىقىرىدىغان ئەڭ ئالىي مەمۇرى ئورگان ھىساپىنىدۇ.پارلامىنىت بولسا كۇمىتىتنىڭ ئۇستىدە بۇلۇپ، كۇمىتىتنى نازارەت قىلش ھۇقۇقى بۇلۇپلا قالماي كۇمىتىت قارارلىرىنى  ئۆزگەرتىش ۋە كەينىگە سۇرۇش ھۇقۇقىمۇ بار.پارلامىنىتتا ماقۇللاشتىن ئۇتكەن قانون لايھىسىگە قارىتا كۇمىتىت قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلش ياكى رەت قىلش ھۇقۇقى يوق پەقەت بويسۇنۇشى كېرەك. كۇمىتىت پارلامىنىتنى تارقىتۋىتەلمەيدۇ، پارلامىنىتمۇ كۇمىتىتنى تارقىتۋىتەلمەيدۇ.

2.كۇمىتىت ئەزالىرىنىڭ ھۇقۇقى باراۋەر بۇلىدۇ.

بۇ خىل تۈزۈم  يولغا قۇيۇلغان دۆلەتتە، فىدراتسىيە  رەئىسى گەرچە دۆلەت باشلىقى ۋە ھۈكۇمەت باشلىقى ھىسابلىنىپ، مۇراسىم خاراكتىرلىك ۋە سىمۋول خاراكتىلىك بەزى ھۇقۇقلاردىن بەھرىمەن بۇلۇپ، دىپلۇماتىيە جەھەتتىن دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلسىمۇ، بىراق ئىچكى جەھەتتە فىدراتسىيە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلشىتىن باشقا ھۇقۇقلىرى بارلىق كۇمىتىت ئەزالىرىنىڭ بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ.قارار چىقىرىدىغان چاغدا ئاز دىگەندە 4 كۇمىتىت ئەزاسى قۇشۇلغاندا قولغا قويغىلى بۇلىدۇ، فىدراتسىيە رەئىسىنىڭ ئۆزئالدىغا قارار قىلش ھۇقۇقى يوق.

3.مۇھىم ئىشلار كىڭىشىپ قارار قىلىنىدۇ.

بۇ خىل تۈزۈمدە ھەربىر كۇمىتىت ئەزاسى بىر مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولسىمۇ، يەنىلا يالغۇز بۇ مىنىستىرلىكنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلالمايدۇ. ئازدىگەندە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ مىنىستىر لايھىنى تەتقىق قىلىپ قارار چىقىرىدۇ. بارلىق چوڭ ئىشلار كۇللىكتىپ مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش، كۇللىكتىپ مەسئول بۇلۇش پىرىنسىپى بۇيىچە ئىش تۇتىدۇ.

5.خەلق خۇجايىن بۇلۇش تۈزۈمى

خەلق خۇجايىن بۇلۇش تۈزۈمى يەنە گوۋۇيۇەن تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاساسەن دۆلىتىمىز يولغا قويغان ئەڭ يۇقىرى مەمۇرى ئورگان- گوۋۇيۇەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا مەيدانغا كىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا مەسئول بۇلىدىغان، نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدىغان مەمۇرى تۈزۈم شەكلى ھىسابلىنىدۇ.

1.گوۋۇيۇەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىۋاستە قارمىقىدا بۇلىدۇ.

بۇ ئاساسەن گوۋۇيۇەننىڭ خەلق قۇرۇلتىيدا مەيدانغا كىلىشى،خەلق قۇرۇلتىيىغا خىزمەت دۇكلارتى بېرىشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.

2.دىمۇكراتىيە –مەركەزلەشتۇرۇش ئاساسىدىكى زۇڭلى مەسئول بۇلۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ.

دۆلىتىمىز يولغا قويغان بۇ تۈزۈم كىڭىشىش تۈزۈمى بىلەن رەھبەر تۈزۈمىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇجەسسەملىگەن، بۇ ئىككى تۈزۈمنىڭ كەمچىللىكىدىن ساقلانغان.

 تەرجىمە قىلغۇچى؛ياسىن ئەبەيدۇللا

 

 

 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!