شوتلاندىيە ئابېردىن ئۇنۋېرستېتى دېڭىز جانلىقلىرى تەجرىبىخانىسى يېقىندا ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ ، ئاتلانتىك ئوكياندىكى 700 مېتردىن 3600 مېترغىچە بولغان سۇ قاتلىمىدىن 10 نەچچە خىل يېڭى جانلىق تۈرلىرىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇ جانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئومۇرتقىسىز دېڭىز جانلىقلىرى بولۇپ ، شەكلى غەلىتە ، رەڭگى قېنىق ھەم بەدىنى سۈزۈك بولۇشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . بۇ جانلىقلار ئىلگىرى ئەزەلدىن بايقىلىپ باقمىغان بولۇپ ، نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ياكى ئەسلا مەۋجۇد بولمىغان ، دەپ قارىلىپ كەلگەن . ئەلۋەتتە بۇ يېڭى جانلىقلارغا تېخى ئىسىم قويۇلمىغان .