شۇ يەر ۋاقتى 10-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن نارو ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە قويۇپ بېرىلگەن كورىيىنىڭ <نارو> ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئوربېتىدىن چىقىپ كېتىپ پاچاقلىنىپ كەتتى . بۇ مەزكۇر راكېتا سىنىقىنىڭ 2-قېتىم مەغلۇب بولۇشى بولۇپ ، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا تۇنجى قېتىم سىناپ قويۇپ بېرىلگەندە سۈنئىي ھەمرا قوغداش قەۋىتى ۋاقتىدا ئاجرالمىغانلىقتىن بوشلۇقتا چۈشۈپ كەتكەن .
كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇ قېتىم <نارو> ناملىق راكېتا قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەر يۈزى باشقۇرۇش سۇپىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ھەمدە 70 كىلومېتر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىدا ئوربېتىدىن ئاجراپ چۈشۈپ كەتكەن .