
4-ئىيۇن ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي كارخانا __ ئالەم قىدىرىش پەن-تېخنىكا شىركىتى (SpaceX) خيۇستوندىكى كانۋېرال ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا <بۈركۈت-9> ناملىق توشۇغۇچى راكېتانى تۇنجى قېتىم سىناپ قويۇپ بەردى . ئۇزۇنلۇقى 55 مېتردىن ئاشىدىغان بۇ چوڭ راكېتا پىلان بويىچە <ئەجدىھا> ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ مودېلىنى يەر يۈزىدىن 250 كىلومېتر ئېگىزلىكىتىكى ئوربېتىغا ئېلىپ چىقىدۇ ھەمدە بوشلۇقتا بىر يىل سىناپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ تۈگەيدۇ .

ئامېرىكىنىڭ 4 چوڭ ئالەم ئايروپىلانى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە سەپتىن چېكىنىدىغان بولغانلىقتىن ، مەزكۇر شىركەت بۇ قېتىمقى سىناق ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!