5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى گرانت لېسمان ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ <ئاتلانتىس> ناملىق ئالەم ئايروپىلانى بىلەن خەلقئارا ئالەم پونكىتى ئوتتۇرىسىدىكى تۇتاشتۇرۇش ۋە تەڭشەپ-رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقاندا تۇيۇقسىز بوشلۇق پونكىتىدا توك توختاپ كېتىپ ، لېسماننى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان مېخانىك قول ۋە باشقا ئەسۋابلار ئىشلەشتىن توختاپ قالغان . بۇنىڭ بىلەن لېسمان ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ھالەتتە ھېچقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارالماي ئالەم بوشلۇقىدا يېرىم سائەتكە يېقىن ئېسىلىپ تۇرۇپ قالغان .