ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى> گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگىلىيىلىك 31 ياشلىق بىر ئايال 21-ماي ئوڭۇشلۇق بوشىنىپ ئالتە كېزەك تۇغقان . بۇ ئالتە بالىنىڭ ئىككىسى ئوغۇل تۆتى قىز بولۇپ ، ئەنگىلىيىدە 25 يىلدىن بۇيان تۇغۇلغان تۇنجى ئالتە كېزەك ئىكەن .
Wiggy ئىسىملىك بۇ ئايال ئوكسفوردتىكى بىر دوختۇرخانىدا يەڭگىگەن بولۇپ ، نورمال تۇغۇت ۋاقتىدىن 14 ھەپتە بۇرۇنلا بۇ ئالتە كېزەكنى سالامەت تۇغقان . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەڭ چوڭى 920 گرام ، ئەڭ كىچىكى ئارانلا 602 گرام بولۇپ ، ئالاھىدە كۈتۈنۈش ئۆيىدە بىر مەزگىل بېقىلغاندىن ھازىر بەدەن ھالىتى ئاساسىي جەھەتتىن نورماللاشقان .
مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە بۇنىڭدەك ئالتە كېزەكنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ ، ئادەتتە تەخمىنەن 4.5 مىليون ھامىلدار ئايالنىڭ ئاران بىرىنىڭ ئەلتە كېزەك تۇغۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن .