ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئاجايىباتلار>

ئەنگىلىيىدىكى ئاخىرقى بىر تۈپ باشماقگۈل پات ئارىدا ئېچىلىدۇ

2010-يىلى05-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:جۇڭگو خەۋەرلەر تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ باشماقگۈل (杓兰/dic) پات ئارىدا ئېچىلىپ كۆپىيىدۇ . ئەنگىلىيىدىكى ھەر قايسى تارماقلار 24 سائەتلىك مۇھاپىزەت ئورۇنلاشتۇرۇپ ، بۇ قىممەتلىك گۈلنى ئايال پادىشاھدىنمۇ بەكرەك قاتتىق قوغداشنى تەلەپ قىلدى . باشماقگۈل
  

ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ باشماقگۈل (杓兰/dic) پات ئارىدا ئېچىلىپ كۆپىيىدۇ . ئەنگىلىيىدىكى ھەر قايسى تارماقلار 24 سائەتلىك مۇھاپىزەت ئورۇنلاشتۇرۇپ ، بۇ قىممەتلىك گۈلنى ئايال پادىشاھدىنمۇ بەكرەك قاتتىق قوغداشنى تەلەپ قىلدى .

باشماقگۈل ئەنگىلىيىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ھەم ئەتىۋارلاپ قەدىرلىنىدىغان قىممەتلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ ، رىۋايەتلەردە ئايال ئىلاھ ۋېناسنىڭ ئورمانلىقتا چۈشۈپ قالغان ئايىغىدىن ئۆزگەرگەن ، دەپ قەيت قىلىنىدۇ . ئىلگىرى ئەنگىلىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ ، 20-ئەسىردىن باشلاپ سانى شىددەت بىلەن ئازىيىپ 1917-يىلىغا كەلگەن رەسمىي نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ، دەپ ئېلان قىلىنغان . خېلى يىللاردىن كېيىن تۇيۇقسىز شىمالدىكى لەنگەر ئايمىقىدىن ئاخىرقى بىر تۈپى بايقالغان ھەمدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئىزچىل قاتتىق قوغدىلىپ كەلگەن . ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىممەتلىك گۈلنىڭ ئېچىلىش مەزگىلىدە پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغانلارغا 5000 فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇپ ، 15 كۈنلۈك مەھەللە ئەمگىكىگە سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

ئاخىرقى بىر تۈپ باشماقگۈل بايقالغان جاي

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!