5-ئاينىڭ 20-كۈنى مېكسىكا قولتۇقىدىكى خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسىدە تېخىمۇ يامان بۇرۇلۇش كۆرۈلدى . گەرچە ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى نېفىت بۇلغانمىلىرىنىڭ يامراپ كېتىشىنى كۆرۈنەرلىك تىزگىنلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ لېكىن ئامېرىكا لۇئىزىئانا شىتاتى ئەھۋال مەلۇم قىلىپ ، كۆپ مىقداردىكى نېفىت بۇلغانمىلىرىنىڭ شىتات تەۋەسىدىكى دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىغا ئېقىپ كىرىپ شۇ جايدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئېغىر تەھدىت سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان . تېخىمۇ يامان بولغىنى دېڭىز يۈزىنىڭ بىر قانچە يېرىدىكى خام نېفىت بۇلغانمىلىرى ھەتتا ئوت ئېلىپ كۆيۈشكە باشلىغان . ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ۋە ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ بۇلغانمىلارنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .