مېىكسىكا ساقچىلىرى يېقىندا بىر چوڭ قارا جەمئىيەت ئۇۋىسىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن ، جىنايەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇسىدىن پۈتۈنلەي ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەلگەن ئاجايىپ ھەشەمەتلىك قورال-ياراقلارنى بايقىغان . بۇ قوراللار جەمئىي 30 نەچچە نەپىس ياسالغان تاپانچا ۋە 10غا يېقىن مىلتىق-ئاپتوماتنى ئكز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، ھەممىسىگە دېگۈدەك ئالتۇن ، كۈمۈش ياكى ئاق ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ، ھەتتا بەزى تاپانچىلارغا لەھل-ياقۇت ۋە ئالماس كۆز ئورنىتىلغان .
ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ قوراللار مېكسىكىدىكى ئەڭ چوڭ قورال-زەھەر ئەتكەسچىلىك گورۇھى <ۋالېنسىيە> نىڭ ئاتامانى ئوسكار ئورلاندو ۋېلېنسىيانىڭ شەخسىي يىغىپ ساقلىغان بويۇملىرى ئىكەن .