ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئالىملار دېڭىز ئەخلەتلىرىدىن سۈنئىي ئارال ياساشنى پىلانلىدى

2010-يىلى06-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، گوللاندىيە ئالىملىرى يېقىندا كىشىلەر ئۇزۇندىن بۇيان تىنچ ئوكيان يۈزىگە تاشلاپ كېلىۋاتقان ئومۇمىي ئېغىرلىقى 44 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان سۇلياۋ خالتا قاتارلىق لەيلىمە ئەخلەتلەرنى يىغىپ بىر سۈنئىي ئارال ياساش پى
  

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، گوللاندىيە ئالىملىرى يېقىندا كىشىلەر ئۇزۇندىن بۇيان تىنچ ئوكيان يۈزىگە تاشلاپ كېلىۋاتقان ئومۇمىي ئېغىرلىقى 44 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان سۇلياۋ خالتا قاتارلىق لەيلىمە ئەخلەتلەرنى يىغىپ بىر سۈنئىي ئارال ياساش پىلانى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان . ئۇلار كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە تىنچ ئوكيان يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن بارلىق ئەخلەتلەرنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن قاتۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەپ دېڭىز يۈزىدە بىر سۈنئىي ئارال قۇرۇپ چىقىدۇ .

ئىگىلىنىشىچە ، قۇرۇلغۇسى سۈنئىي ئارالنىڭ كۆلىمى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئارىلى بىلەن تەڭ كېلىدىغان بولۇپ ، ئالىملار قۇياش ئېنىرگىيىسى ۋە دېڭىز دولقۇنىنىڭ ھەرىكەت ئېنىرگىيىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، پۈتكۈل ئارالنى 500 مىڭ ئادەمنى نورمال ياشاش شارائىتى بىلەن تەمىنلىيەلىگۈدەك ئېنىرگىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلالايدۇ .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!