2010-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا فلورىدا شىتاتىدا تۇرۇشلۇق بىر شەھەر ئاھالىسى قولىدىكى يانفون ئارقىلىق ئاجايىپ غەلىتە بىر مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان : غەربىي ئۇپۇقتىكى پېتىۋاتقان قۇياش يۈزىنىڭ بىر قىسمىنى بۇلۇت توسۇۋالغانلىقتىن ، قۇياش بەئەينى كۆزىنى قىسىپ چىرايىنى پۈرۈشتۇرۇپ كۈلىۋاتقان ئادەمنىڭ چىراي شەكلىگە ئوخشاپ قالغان . سۈرەتنى تارتقۇچى بۇ سۈرەتنى توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن تېزلا شۇ جايدىكى داڭلىق شەخسكە ئايلىنىپ قالغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ قىيىنچىلىغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئاز-تولا ئىلھام بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .