كانادادا 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ۋە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرك 27-ئىيۇن بىرلىكتە ئېنگىلاند بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا لوڭقىسى 8 كۈچلۈك كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدان ئاڭلىتىشىنى كۆردى . مۇسابىقىدە گېرمانىيە كوماندىسى 4-1 نەتىجىدە ئېنگىلاند كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى ، ئەمما مۇسابىقە جەريانىدا ئېنگىلاند كوماندىسى كىرگۈزگەن بىر توپ رېپىرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلدى ھەمدە بۇ مۇسابىقىدىكى ئەڭ چوڭ تالاش-تارتىش بولۇپ قالدى .
مۇسابىقىدىن كېيىن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇلارغا كېيىنكى مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجە تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى . گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرك بولسا خاتا چېلىۋېتىلگەن ھېلىقى بىر توپ ئۈچۈن ئېنگىلاند توپ مەستانىلىرىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .