ئەنگىلىيىلىك ياش لاھىيىلىگۈچى كېۋىن سكوت يېقىندا قاتلىغىلى بولىدىغان بىر خىل يېڭىچە يۇمشاق قۇرۇلمىلىق ۋېلىسپىت ياساپ چىققان بولۇپ ، بۇ ۋېلىسپىتنى قاتلاپ يۆگەپ سىتولبىغا ئوراپلا قۇلۇپلاپ قويغىلى بولىدىكەن . سكوتنىڭ تونۇشتۇرىشىچە بۇ خىل ۋېلىسپىتنى ئىشلەتكەندە ۋېلىسپىت توختاتقاندا ئىگىلەيدىغان بوشلۇق ۋە ۋېلىسپىت زاپچاسلىرىنىڭ ئوغرىلىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ ، لوندون شەھىرىدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە ۋېلىسپىت توختىتىش ئاۋارىچىلىقىنى ئازراق بولسىمۇ تۈگەتكىلى بولىدىكەن .